«گىگانت بوۋاق» تۇغقان ئاياللارنىڭ راك كېسىلى بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولامدۇ؟

日期:2018年11月07日
来源:天山网
【字体:

ماتېرىيال سۈرەت

    ئەنگلىيە راك كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، «گىگانت بوۋاق» تۇغقان ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن.

    تەتقىقاتچىلار ئەنگلىيەدىكى 16 ياشتىن 102 ياشقىچە بولغان 83 مىڭ ئايالنىڭ ساغلاملىق سانلىق مەلۇماتىنى يىغقان، نەتىجىدە بايقىلىشىچە، بەدەن ئېغىرلىقى 4.5 كىلوگىرامدىن ئارتۇق بوۋاق تۇغقان ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى باشقا ئاياللارنىڭكىدىن %53 يۇقىرى بولغان. مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسى «سۈت بېزى راكى تەتقىقاتى» ناملىق ژۇرنالنىڭ ئەڭ يېڭى سانىدا ئېلان قىلىنغان.

    تەتقىقاتتا «گىگانت بوۋاق» تۇغۇش بىلەن سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىسىدىكى سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى ئسپاتلانمىغان، لېكىن كىشىلەر ئانىلىق ھورمون قاتارلىق جىنسىي ھورمون سەۋىيەسىنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

    ئەمما، ئاياللار بۇ سەۋەبلىك ئەندىشە قىلمىسىمۇ بولىدىكەن. تەتقىقاتنىڭ باشلامچىسى ئانتونى سىۋېردلوۋ مۇنداق دېدى: ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇشىنىڭ «نۇرغۇن ئامىللىرى» بولىدۇ، ھامىلىدار بولۇش بەلكىم بۇ ئامىللار ئىچىدىكى بىرى بولۇشى مۇمكىن، مۇھىمى بارلىق ئامىللارنى ئومۇميۈزلۈك ئويلىشىش كېرەك، بىر ئامىلنى ئاساس قىلىپلا يەكۈن چىقىرىشقا ياكى ئەندىشە قىلىشقا بولمايدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى