پۇت-قول ئۇيۇشسا سەل قارىماڭ

日期:2018年11月05日
来源:天山网
【字体:

  پۇت-قول ئۇيۇشۇش نۇرغۇن ياشانغانلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان ئەھۋال، بەزىلەر بۇنىڭغا ئانچە ئېتىبار بەرمەي، يەرلىك ئاماللار بىلەن ئۇيۇشۇشنى داۋالىماقچى بولىدۇ. مۇتەخەسسىس لى چۈەنمىننىڭ ئەسكەرتىشىچە، ياشانغانلارنىڭ قول-پۇتى ئۇيۇشۇشى خەتەر سىگنالى بولۇپ، يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا يەتتە خىل سەۋەبتىن بولىدىكەن.

  1. يەلكە نېرۋىلىرى بېسىلىش. ئۇخلىغاندا قىياپەت توغرا بولمىسا يەلكە نېرۋىلىرى بېسىلىپ قېلىپ قول-پۇت ئۇيۇشۇپ قالىدۇ.

  2. دورىنىڭ ئەكس تەسىرى. بەزى دورىلار ئەكس تەسىر كۆرسەتكەنلىكتىن قول-پۇت ئۇيۇشۇپ قالىدۇ.

  3. ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك.  مەسىلەن، ئاقسىل، ۋىتامىن كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن ئەتراپ نېرۋا ياللۇغى زەخمىگە ئۇچراپ، پۇت-قول ئۇيۇشۇپ قالىدۇ.

  4. بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكى.

  5. دىيابېت كېسىلى نېرۋا ئەگەشمە كېسەللىكلىرى.

  6. مېڭە قان تومۇرلىرى توسۇلۇش. بۇ چاغدا بىر تەرەپتىكى پۇت-قول ئۇيۇشۇش، باش قېيىش، باش ئاغرىش، كۆزى غۇۋالىشىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ، تېزدىن دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك.

  7. يەللىك بوغۇم ئاغرىقى. كىلىنكىدا كۆرسىتىلىشىچە، قول-پۇتى ئۇيۇشقانلار ئىچىدە %1ى يەللىك بوغۇم ئاغرىقى سەۋەبىدىن بولىدىكەن.

ــ خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى