دېڭىز بېلىقلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى دەريا بېلىقلىرىنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدىكەن

日期:2018年11月05日
来源:天山网
【字体:

ماتېرىيال سۈرەت

    مەيلى تاتلىق سۇ بېلىقلىرى ياكى دېڭىز بېلىقلىرى بولسۇن بۇلارنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش، ئەمما دېڭىز بېلىقىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى سەل يۇقىرى بولىدىكەن.

    دېڭىز بېلىقىنىڭ تەركىبىدە كۆپ  مىقداردا ئوزۇقلۇق تۇزى بار بولۇپ، بۇ دېڭىز بېلىقى تەركىبىدىكى مىنېرال ماددا ۋە ۋىتامىنلارنىڭ مىقدارىنى تېخىمۇ كۆپ قىلغان، بېلىق جىگىرى مېيى ۋە مېيى تەركىبىدە ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىگە پايدىلىق بىر خىل ئوزۇقلۇق تەركىب بار. بۇنىڭدىن باشقا، دېڭىز بېلىقلىرى تەركىبىدىكى ω–3 ياغ كىسلاتاسى، تائۇرىننىڭ مىقدارىمۇ تاتلىق سۇ بېلىقلىرىنىڭكىدىن كۆپ ئىكەن، بۇلار يۈرەك ۋە چوڭ مېڭىنى قوغداش رولىنى ئوينايدىكەن. شۇ سەۋەبتىن، دېڭىز بېلىقلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى يۇقىرى ئىكەن.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى