مېڭىگە قان چۈشۈشنىڭ ئالامەتلىرى (1)

日期:2018年11月02日
来源:天山网
【字体:

ماتېرىيال سۈرەت

    مېڭىگە قان چۈشۈشنى چۈشىنەمسىز؟ مۇخبىرنىڭ يېقىندا گۇاڭجوۋ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 2-دوختۇرخانا نېرۋا تاشقى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان «مېڭىگە قان چۈشۈش كېسىلىنىڭ بالدۇر ئالدىنى ئېلىش» ساغلاملىق لېكسىيەسىدىن ئىگىلىشىچە، مەزكۇر بۆلۈمنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى جى يۈنشياڭ شەھەر ئاھالىلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن: كۈز ۋە قىش پەسلىدە مېڭىگە قان چۈشۈش كۆپ كۆرۈلىدۇ، تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك:

    قان بېسىمى روشەن ئۆرلەپ كېتىش. مېڭىگە قان چۈشۈشتىن ئىلگىرى بىمارنىڭ قان بېسىمى روشەن ئۆرلەيدۇ، ئاسانلا كۆز قاراڭغۇلىشىپ، باش قېيىپ، بىمار تۈز تۇرالمايدۇ، مېڭە پەردىسى غىدىقلانسا، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

    يۈز ۋە بارماقلىرى ئۇيۇشۇپ قېلىش. مېڭىسىگە قان چۈشكەن قىسمەن بىمارلاردا كېسەللىك پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى، بەدەننىڭ بىر تەرىپى ياكى يۈز، بىلەك ۋە بارماق ئۇيۇشۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، نامسىز بارماقنىڭ ئۇيۇشۇشى روشەن بولىدۇ.

    يېقىنقى مەزگىلدە بۇرنى قايتا-قايتا قاناش. يۇقىرى قان بېسىمى بىمارلىرىنىڭ بۇرنى پات-پات قانىسا، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش كېرەك، بۇ ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشتىن باشقا، مېڭىگە قان چۈشۈشنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. يېقىنقى مەزگىلدە بۇرنى قايتا-قايتا قانىسا، يېرىم يىل ئىچىدە مېڭىگە قان چۈشۈشى مۇمكىن، شۇڭا مەيلى بىمار بولسۇن، ياكى بىمارنىڭ يېقىنلىرى بولسۇن ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى