شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دۆلەت خادىملىرى ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش چارىسى

日期:2017年11月23日
来源:新疆日报
【字体:

 (2017–يىل 7–ئاينىڭ 28–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 –نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

  (46–نومۇرلۇق)

  ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دۆلەت خادىملىرى ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش چارىسى›› 2017 – يىل 7 – ئاينىڭ 28 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2017 – يىل 8 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

  شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالاھىدە ئېلان چىقاردۇق.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى

  2017 – يىل 7 – ئاينىڭ 28 – كۈنى

  1 – ماددا بۇ چارە ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى نامايان قىلىش، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت خادىملىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا سادىق بولۇشى، ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىشى، ئاساسىي قانۇننى قوغدىشىغا ئىلھام بېرىش ۋە بۇ ھەقتە تەربىيە بېرىش، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە، ‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

  2 – ماددا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى (تۆۋەندە خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى دېيىلىدۇ) سايلىغان ياكى تەيىنلىگەن، تەيىنلەشنى قارار قىلغان، تەيىنلەشنى تەستىقلىغان دۆلەت خادىملىرى، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تەيىنلىگەن دۆلەت خادىملىرى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىدۇ.

  3 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى سايلىغان ياكى تەيىنلىگەن دۆلەت خادىملىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋۇجۇدقا كەلگەندىن كېيىن، ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىدۇ، قەسەم مۇراسىمىنى يىغىن ھەيئەت رىياسىتى تەشكىللەيدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، باش كاتىپى، ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئەزالىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنىڭ قەسەم مۇراسىمى ئايرىم قەسەم بېرىش ياكى كوللېكتىپ قەسەم بېرىش شەكلىدە ئۆتكۈزۈلسە بولىدۇ، قەسەم يېتەكچىسىنى يىغىن ھەيئەت رىياسىتى قەسەم بەرگۈچىلەر ئىچىدىن بېكىتىدۇ.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىشى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، قەسەم مۇراسىمى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئۇنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلار يىغىنى تەشكىللەيدۇ.

  4 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەيىنلىگەن، تەيىنلەشنى قارار قىلغان ۋە ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىغان دۆلەت خادىملىرىنىڭ قەسەم مۇراسىمىنى تۆۋەندىكى ئورگانلار ئايرىم – ئايرىم تەشكىللەيدۇ:

  (1) ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ قىسمەن مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، كومىتېت ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى ۋە خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، بەنگۇڭتىڭنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، بەنگۇڭتىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، باش كاتىپى، نازىرلار، كومىتېت مۇدىرلىرى قاتارلىق ھۆكۈمەت تەركىبىدىكى خادىملار، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرىنىڭ قەسەم مۇراسىمىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرلار يىغىنى تەشكىللەيدۇ ھەمدە ئۇلار يىغىن مەزگىلىدە كوللېكتىپ قەسەم بېرىدۇ، قەسەم يېتەكچىسى قەسەم بەرگۈچىلەر ئىچىدىن بېكىتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر ياكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ھەيئىتى تەركىبىدىكى خادىملىق ۋەزىپىسىنى بىرلا ۋاقىتتا ئۈستىگە ئالغانلاردىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى مەزگىلىدە ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىپ بولغانلىرى قەسەم بەرمىسىمۇ بولىدۇ.

  (2) ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، باش كاتىپى، ئەزالىرىنىڭ قەسەم مۇراسىمىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشىگە ھاۋالە قىلىدۇ.

  (3) ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، كوللېگىيە باشلىقى، مۇئاۋىن كوللېگىيە باشلىقلىرى، سوتچىلار ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، تەپتىشلىرىنىڭ قەسەم مۇراسىمىنى ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەشكىللەيدۇ، قەسەم يېتەكچىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۆزى بېكىتىدۇ.

  (4) ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، كوللېگىيە باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، سوتچىلار ۋە ۋىلايەتلىك شۆبە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرى، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، تەپتىشلەرنىڭ قەسەم مۇراسىمىنى ئايرىم – ئايرىم ھالدا ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى، ۋىلايەتلىك شۆبە خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەشكىللەيدۇ، قەسەم يېتەكچىسىنى جايلاردىكى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش شۆبە مەھكىمىسى بېكىتىدۇ.

  (5) ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى شۆبىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، كوللېگىيە باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، سوتچىلار، بىڭتۈەننىڭ ھەرقايسى شى (شەھەرلىك) ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، كوللېگىيە باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، سوتچىلار، بىڭتۈەن خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرى، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، تەپتىشلەر، بىڭتۈەن خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ھەرقايسى شى (شەھەرلىك) شۆبىلىرىنىڭ باش تەپتىشى، مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرى، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە تەپتىشلەرنىڭ قەسەم مۇراسىمىنى ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى شۆبىسى، بىڭتۈەننىڭ ھەرقايسى شى (شەھەرلىك) ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىلىرى، بىڭتۈەن خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، بىڭتۈەن خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ھەرقايسى شى (شەھەرلىك) شۆبىلىرى ئايرىم – ئايرىم تەشكىللەيدۇ. قەسەم يېتەكچىسىنى بىڭتۈەننىڭ ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بېكىتىدۇ.

  (6) ئۈرۈمچى تۆمۈريول تىرانسپورتى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، كوللېگىيە باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، سوتچىلار، ئۈرۈمچى، قومۇل، كورلا تۆمۈريول تىرانسپورتى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، كوللېگىيە باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، سوتچىلار؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۈرۈمچى تۆمۈريول تىرانسپورتى شۆبىسىنىڭ باش تەپتىشى، مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرى، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، تەپتىشلەر، ئۈرۈمچى، قومۇل، كورلا تۆمۈريول تىرانسپورتى تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىشى، مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرى، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە تەپتىشلەرنىڭ قەسەم مۇراسىمىنى تۆمۈريول تىرانسپورتى ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ئايرىم – ئايرىم تەشكىللەيدۇ، قەسەم يېتەكچىسىنى تۆمۈريول تىرانسپورتى ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بېكىتىدۇ.

  (7) ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ۋاكالەت تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىشى، مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرى، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە تەپتىشلەرنىڭ قەسەم مۇراسىمىنى ۋاكالەت تەپتىش مەھكىمىلىرى تەشكىللەيدۇ، قەسەم يېتەكچىسىنى ۋاكالەت تەپتىش مەھكىمىلىرى بېكىتىدۇ.

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن تارباغاتاي ۋىلايەتلىك، ئالتاي ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، باش كاتىپى، ئەزالىرى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك، ئالتاي ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، كوللېگىيە باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، سوتچىلار ۋە تارباغاتاي ۋىلايەتلىك، ئالتاي ۋىلايەتلىك شۆبە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرى، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە تەپتىشلەرنىڭ ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش مۇراسىمىنى ئىلى ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەشكىللەيدۇ ياكى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك، ئالتاي ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشىگە ھاۋالە قىلىنىدۇ.

  5 – ماددا ئوبلاستلىق، رايون بار شەھەرلىك، ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق قۇرۇلتايلىرى سايلىغان ياكى ماقۇللىغان ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى تەيىنلىگەن ياكى تەيىنلەشنى قارار قىلغان دۆلەت خادىملىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىدۇ.

  قەسەم مۇراسىمى مۇشۇ چارىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

  6 – ماددا يېزىلىق (بازارلىق) خەلق قۇرۇلتايلىرى سايلىغان دۆلەت خادىملىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىدۇ.

  قەسەم مۇراسىمىنى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ھەيئەت رىياسەتلىرى تەشكىللەيدۇ. قەسەم يېتەكچىسىنى يىغىن ھەيئەت رىياسىتى بېكىتىدۇ.

  7 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى، ئوبلاستلىق، رايون بار شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى (ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتى) ئورگىنى، ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ ئورگانلىرى تەيىنلىگەن دۆلەت خادىملىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئوبلاستلىق، رايون بار شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى (ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىلەر)، ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەم ئۇنىڭ ئورگانلىرى ۋە ھۆكۈمەت تەركىبىدىكى تارماقلار تەيىنلىگەن دۆلەت خادىملىرى، ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تەيىنلىگەن دۆلەت خادىملىرى، بىڭتۈەن ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق شى (شەھەر)، تۈەن (مەيدان) تەيىنلىگەن دۆلەت خادىملىرى قاتارلىقلار ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا، ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىدۇ.

  قەسەم مۇراسىمىنى ئۇلار ئىشلەيدىغان ئورۇن تەشكىللەيدۇ، قەسەم يېتەكچىسىنى ئۇلار ئىشلەيدىغان ئورۇن بېكىتىدۇ.

  8 – ماددا قەسەمنامە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

  قەسەم بېرىمەنكى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا سادىق بولىمەن، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغدايمەن، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىمەن، ۋەتەنگە، خەلققە سادىق بولىمەن، ۋەزىپەمنى تولۇق ئادا قىلىمەن، پاك – دىيانەتلىك بولىمەن، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىمەن، باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇش يولىدا تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن!

  9 – ماددا قەسەم سورۇنى ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك بولىدۇ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى ياكى دۆلەت گېربى ئېسىلىدۇ، نەق مەيداندا دۆلەت شېئىرى ئورۇنلىنىدۇ. قەسەم بەرگۈچى رەتلىك كىيىنىشى ياكى تارقىتىپ بېرىلگەن فورما كىيىشى كېرەك.

  قەسەم مۇراسىمى ئەھۋالغا قاراپ ئايرىم ياكى كوللېكتىپ ئۆتكۈزۈلسە بولىدۇ. ئايرىم قەسەم بەرگەندە، قەسەم بەرگۈچى سول قولىنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى››غا قويۇپ تۇرۇپ، ئوڭ مۇشتىنى ئالدىغا قارىتىپ كۆتۈرۈپ قەسەمنامىنى ئوقۇيدۇ. كوللېكتىپ قەسەم بەرگەندە، بىر ئادەم قەسەم يېتەكچىسى قىلىپ بېكىتىلىدۇ، قەسەم يېتەكچىسى سول قولىنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى››غا قويۇپ، ئوڭ مۇشتىنى ئالدىغا قارىتىپ كۆتۈرۈپ قەسەمنامىنى ئوقۇيدۇ؛ باشقا قەسەم بەرگۈچىلەر رەتلىك تىزىلىپ، ئوڭ مۇشتىنى ئالدىغا قارىتىپ كۆتۈرۈپ قەسەمنامىنى ئەگىشىپ ئوقۇيدۇ. قەسەمنامە ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، قەسەم بەرگۈچى ئۆزىنىڭ ئىسىم – فامىلىسىنى ئېيتىدۇ.

  10 – ماددا قەسەم مۇراسىمى ئادەتتە دۆلەت خادىملىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئالاھىدە ئەھۋال بولغاندا 3 ئاي ئىچىدە ئۆتكۈزۈش كېرەك.

  11 – ماددا بۇ چارىدە بەلگىلەنگىنىدىن باشقا دۆلەت خادىملىرىنىڭ ئاساسىي قانۇن قەسىمى مۇشۇ چارىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە بىنائەن تەشكىللەپ يولغا قويۇلىدۇ.

  12 – ماددا قەسەم مۇراسىمىنى تەشكىللىگەن ئورگان مۇشۇ چارىگە ئاساسلىنىپ ھەمدە ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، قەسەم بېرىشكە دائىر ئىشلار ئۈستىدە كونكرېت بەلگىلىمە چىقارسا بولىدۇ.

  13 – ماددا بۇ چارە 2017 – يىل 8 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 2015 – يىل 12 – ئاينىڭ 27 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19 – يىغىنىدا ماقۇللانغان ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دۆلەت خادىملىرى ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش تۈزۈمى چارىسى›› بىكار قىلىنىدۇ.

  (تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)