شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنى قۇرۇش ۋە ئاسراش نىزامى

日期:2017年11月30日
来源:新疆日报
【字体:

 (2017–يىل 9–ئاينىڭ 27–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 32–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

  1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

  1 – ماددا بۇ نىزام خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنى قۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنى ئاسراشنى كۈچەيتىش، خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە راۋانلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېلېگراف نىزامى ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

  2 – ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە، خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنى قۇرۇش ۋە ئاسراشتا، مۇشۇ نىزام تەتبىقلىنىدۇ.

  3 – ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسى دېگىنىمىز، جامائەتكە خەۋەرلىشىش مۇلازىمىتى قىلىدىغان، خەۋەرلىشىش ئىقتىدارىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئالماشتۇرۇش، يوللاش ئۈسكۈنىسى ۋە ئۇنىڭ يانداش ئەسلىھەسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ، ئاساسلىقى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

  (1) خەۋەرلىشىش لىنىيە تۈرلىرى: نۇر كابېلى، ئېلېكتىر كابېلى، ئالماشتۇرۇش ۋە تۇتاشتۇرۇش ساندۇقى، سىم ئايرىش قۇتىسى، تۇرۇبا يولى، ئوقۇر يول، قۇدۇق (قۇدۇق قاپقىقى)، ئىستولبا، تارتما سىم، ئاسما سىم، بەلگە تېشى، بەلگە قاتارلىق قوشۇمچە يانداش ئەسلىھەلەر؛

  (2) خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىسى تۈرلىرى: ئاساسىي پونكىت، داۋاملاشتۇرغۇچى پونكىت، مىكرو دولقۇن پونكىتى، بىۋاسىتە كۈچەيتىش پونكىتى، ئۆي ئىچى ئورۇنلاشتۇرۇش سىستېمىسى، سىمسىز دائىرىلىك تور سىستېمىسى، سىملىق ئۇلاش قۇرۇلمىسى، ئاممىۋى تېلېفون تېرمىنالى قاتارلىقلار؛

  (3) باشقا يانداش ئۈسكۈنە تۈرلىرى: خەۋەرلىشىش ئاپپاراتى ئۆيى، خەۋەرلىشىش تۆمۈر مۇنارى، قوبۇللاش – تارقىتىش ئانتېننىسى، ئاممىۋى تېلېفون بوتكىسى، ھاۋا تەڭشىگۈچ، ئېلېكتىر مەنبەسى، بىخەتەرلىك قوغداش قۇرۇلمىسى، دىنامىكىلىق مۇھىت كۆزىتىش قۇرۇلمىسى قاتارلىق مۇھىت ئاسراش قوشۇمچە يانداش ئەسلىھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  4 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنى قۇرۇش ۋە ئاسراش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنى قۇرۇش، باشقۇرۇش ۋە ئاسراش خىزمىتىدىكى چوڭ – چوڭ مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشى، مۇناسىۋەتلىك تارماق ۋە ئورۇنلارنىڭ خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنى ئاسراش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى ھەمدە خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنى ئاسراشنى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى باھالاش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

  يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى، كوچا باشقارمىلىرى، كەنت (ئاھالە) كومىتېتلىرى خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنى قۇرۇش ۋە ئاسراشقا ھەمكارلىشىشى، ماسلىشىشى كېرەك.

  5 – ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنى قۇرۇش ۋە ئاسراشنى تەشكىللەپ ماسلاشتۇرۇش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەرەققىيات – ئىسلاھات، ئىقتىساد – ئۇچۇرلاشتۇرۇش، جامائەت خەۋپسىزلىكى، زېمىن بايلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى، مۇھىت ئاسراش، قاتناش – تىرانسپورت تارمىقى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلىرى خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنى قۇرۇش ۋە ئاسراشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.

  6 – ماددا خەۋەرلىشىش كەسپىي تىجارەتچىلىرى خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنى قۇرۇش، ئاسراش ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە خەۋەرلىشىش تورىنىڭ ئىشلەش بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

  7 – ماددا خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسى جامائەت ئۇل ئەسلىھەسىگە كىرىدۇ. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قانۇن بويىچە قىلىنغان خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنى قۇرۇش ۋە ئاسراش پائالىيىتىگە توسقۇنلۇق قىلىشىغا ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا، خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.

  2 – باب پىلانلاپ قۇرۇش

  8 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى، شەھەر – يېزا يىرىك پىلانى ۋە يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

  مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماقلار شەھەر – يېزا يىرىك پىلانىنى تەشكىللەپ تۈزۈشتە، خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشى مەخسۇس بابى (پاراگرافى)نى تەييارلاپ، بىرتۇتاش پىلانلاش، تۈجۈپىلەش ۋە بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپى بويىچە، خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىگە ئىشلىتىلىدىغان يەر ئاستى تۇرۇبا كارىدورى (ئېرىقى)نى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى، خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنى ئىلمىي جايلاشتۇرۇشى ھەمدە خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ پىكرىنى ئېلىشى كېرەك.

  9 – ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى دۆلەتنىڭ ئۇچۇر، خەۋەرلىشىش كەسپىي تەرەققىياتى يىرىك پىلانى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتى يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ خەۋەرلىشىش كەسپىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنى قۇرۇش مەخسۇس يىرىك پىلانىنى تەشكىللەپ تۈزۈپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن پىكىر ئالغاندىن كېيىن ئېلان قىلىپ يولغا قويىدۇ ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات – ئىسلاھات تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

  10 – ماددا خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنى قۇرۇشتا، بىرتۇتاش پىلانلاش، سەرخىل سەپلەش، بايلىقتىن تەڭ پايدىلىنىش، مونوپولنى بۇزۇپ تاشلاش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش، دۆلەتنىڭ خەۋەرلىشىش قۇرۇلۇشى مەجبۇرىي ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىش ھەمدە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، مۇھىت ئاسراش، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش تەلەپلىرىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

  11 – ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنى تەڭ قۇرۇش، تەڭ پايدىلىنىشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە، خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنى قۇرغۇچى ئورۇنلارنىڭ خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنى ئورتاق قۇرۇش، تەڭ پايدىلىنىش خىزمىتىنى تەشكىللەپ ماسلاشتۇرۇشى كېرەك.

  خەۋەرلىشىش تۇرۇبا يولى، خەۋەرلىشىش ئاساسىي پونكىتى، ئىستولبا لىنىيەسى، تۆمۈر مۇنارى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى يېڭىدىن قۇرۇش، ئۆزگەرتىش ياكى كېڭەيتىشتە، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، بىرتۇتاش قۇرۇش ياكى بىرلىشىپ قۇرۇشنى يولغا قويۇش، تەكرار قۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  قۇرۇلۇپ بولغان خەۋەرلىشىش تۇرۇبا يولى، خەۋەرلىشىش ئاساسىي پونكىتى، ئىستولبا لىنىيەسى، تۆمۈر مۇنار قاتارلىق خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسى تەڭ پايدىلىنىش شارائىتىنى ھازىرلىمىغان بولسا، تېخنىكىلىق ئۆزگەرتىش ۋە كېڭەيتىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، تەڭ پايدىلىنىش كېرەك.

  12 – ماددا خەۋەرلىشىش كەسپىي تىجارەتچىلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش، تەجرىبە قىلىش، نۇقتىدا سىناق قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنى يول، كۆۋرۈك، يەر ئاستى تۇرۇبا كارىدورى (ئېرىقى)، شەھەر يېشىللىق يېرى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەسى بىلەن تەڭ قۇرۇپ، تەڭ پايدىلىنىشنى يولغا قويۇشىغا، خەۋەرلىشىش تورى، رادىيو – تېلېۋىزىيە تورى، ئالاقە تورى كەسپىنى بىرىكتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.

  13 – ماددا پۇقراۋى ئىمارەتلەرنى يېڭىدىن قۇرۇش، كېڭەيتىشتە، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلار ئىمارەت ئىچىدىكى خەۋەرلىشىش تۇرۇبا لىنىيەسى ۋە سىم سەپلەش ئەسلىھەسىنى، شۇنىڭدەك قۇرۇلۇش تۈرىگە يەر ئىشلىتىش دائىرىسى ئىچىدىكى خەۋەرلىشىش تۇرۇبا يولىنى قۇرۇلۇش تۈرىنى لايىھەلەش ھۆججىتىگە كىرگۈزۈشى ھەمدە ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ قۇرۇپ، تەڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى كېرەك. بۇنىڭغا كېتىدىغان خىراجەتنى قۇرۇلۇش تۈرى تەخمىن چوتىغا كىرگۈزۈش كېرەك.

  14 – ماددا بېكەت، ئايرودۇرۇم، تاشيول، تۆمۈريول، شەھەر يولى، كۆۋرۈك، شەھەر رېلىسلىق يولى قاتارلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى پىلانلاش، لايىھەلەش ۋە قۇرۇشتا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلار خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئاۋۋال خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋە ئالاقىدار خەۋەرلىشىش كەسپىي تىجارەتچىلىرىگە ئۇقتۇرۇشى ھەمدە شەھەر – يېزا يىرىك پىلانى، خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنى قۇرۇش مەخسۇس پىلانىغا ئاساسەن، خەۋەرلىشىش تۇرۇبا لىنىيەسى ۋە يانداش ئەسلىھە قۇرۇش بوشلۇقىنى تەڭ لايىھەلىشى ۋە ئالدىن قالدۇرۇشى كېرەك.

  15 – ماددا جامائەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىش سورۇنلىرى، ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدىكى جامائەت رايونلىرىدا، ئۇلارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ئىگىلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلىرى خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسى قۇرۇشىغا زۆرۈر بولغان مەيدان ياكى ئۇلاشقا قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

  16 – ماددا پۇقراۋى ئىمارەتلەرگە خەۋەرلىشىش لىنىيەسى ياكى كىچىك تىپتىكى ئانتېننا، كۆچمە خەۋەرلىشىش ئاساسىي پونكىتى قاتارلىق خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنى ئورنىتىشتا، ئاۋۋال ئىمارەتنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ئىگىسى ياكى ئىشلەتكۈچىسى بىلەن كېلىشىپ ھەل قىلىش، كېلىشكىنى بويىچە ئىشلىتىش ھەققى تاپشۇرۇش كېرەك.

  17 – ماددا پۇقراۋى ئىمارەتلەر، جامائەت رايونلىرىدا خەۋەرلىشىش لىنىيەسى ياتقۇزۇش، خەۋەرلىشىش لىنىيەسى، كىچىك تىپتىكى ئانتېننا، كۆچمە خەۋەرلىشىش ئاساسىي پونكىتى قاتارلىق خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنى ئورنىتىشتا، ئىمارەتنىڭ كۆتۈرۈش تەلىپىگە ئۇيغۇن ئىش قىلىش، ئىمارەت ۋە جامائەت ئەسلىھەسىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  18 – ماددا خېرىدارلار خەۋەرلىشىش كەسپىي تىجارەتچىلىرى تەمىنلىگەن مۇلازىمەتنى ئوڭچە تاللاشقا ھوقۇقلۇق.

  قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلار، ئۆي – ئىمارەتنىڭ ئىگىسى، ئىشلەتكۈچىلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلىرى خەۋەرلىشىش كەسپىي تىجارەتچىلىرىنىڭ خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنى قۇرۇشىغا باراۋەر ئۇلاش ۋە ئىشلىتىش شارائىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك، خەۋەرلىشىش كەسپىي تىجارەتچىلىرىدىن كىرىش ھەققى قاتارلىق ھەقلەرنى ئېلىشقا بولمايدۇ.

  خەۋەرلىشىش كەسپىي تىجارەتچىلىرىنىڭ باشقىلار بىلەن يەكلىمە كېلىشىم تۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، باشقا خەۋەرلىشىش كەسپىي تىجارەتچىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىشىغا ياكى خېرىدارلارنىڭ باشقا خەۋەرلىشىش كەسپىي تىجارەتچىلىرى قىلغان خەۋەرلىشىش مۇلازىمىتىنى تاللىشىغا چەك قويۇشىغا بولمايدۇ.

  19 – ماددا تارىخىي مەدەنىيەت رايونى، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، مەشھۇر مەنزىرە رايونى قاتارلىق رايونلاردا خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنى قۇرۇشتا، تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ۋە تەبىئىي بايلىقلارنى قانۇن بويىچە قوغداش، شەكلى كۆركەم ئەسلىھە ۋە مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىش ياكى يوشۇرۇن ئورنىتىش تېخنىكا تەدبىرىنى قوللىنىش كېرەك.

  20 – ماددا خەۋەرلىشىش ئاساسىي پونكىتى قۇرۇش ۋە ئۇنى ئىشقا سېلىش دۆلەتنىڭ ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشى قىلدۇرغۇچى ئورۇنلار ياكى خەۋەرلىشىش كەسپىي تىجارەتچىلىرى خەۋەرلىشىش ئاساسىي پونكىتىغا بەلگە ئورنىتىشى، ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيە كۈچى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

  قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلار ياكى خەۋەرلىشىش كەسپىي تىجارەتچىلىرى ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى توغرىلىق تالاش – تارتىش بولغان خەۋەرلىشىش ئاساسىي پونكىتلىرىنى ئۆلچەشنى سالاھىيىتى بار ئورۇنغا ھاۋالە قىلىشى ھەمدە ئۆلچەش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك. پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلاردىن ئۆلچەش نەتىجىسىگە يەنىلا باشقىچە پىكرى بارلىرى مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەرز قىلسا بولىدۇ.

  مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىدىكى ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى مۇھىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى ھەمدە خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشى قىلدۇرغۇچى ئورۇنلار ۋە خەۋەرلىشىش كەسپىي تىجارەتچىلىرىگە خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنى ئىشقا سېلىشتا ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىدىن ساقلىنىش ھەققىدىكى بىخەتەرلىك بىلىملىرى بويىچە تەشۋىق – تەربىيەنى قانات يايدۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىگە بولغان ئىلمىي تونۇشىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  21 – ماددا ئېلېكتىر كارخانىلىرى خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىگە توك ئىشلىتىش، سىم تارتىش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئەسلىھەسىنى جىددىي رېمونت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاۋۋال كاپالەتلىك قىلىشى ھەمدە ئۇلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

  3 – باب ئەسلىھە ئاسراش

  22 – ماددا خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنى ئاسراش خىزمىتىدە، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېتەكچىلىك قىلىش، خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى نازارەت قىلىش، ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ماسلىشىش، خەۋەرلىشىش كەسپىي تىجارەتچىلىرى ئۈستىگە ئېلىش، جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىش مېخانىزمى يولغا قويۇلىدۇ.

  23 – ماددا خەۋەرلىشىش كەسپىي تىجارەتچىلىرى تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنى ئاسرىشى كېرەك:

  (1) خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنىڭ ئەتراپىغا قورشاۋ تام، رېشاتكا قاتارلىق بىخەتەرلىكنى قوغداش ئەسلىھەسىنى ئورنىتىش ھەمدە روشەن ئاگاھ بەلگىسى قويۇش؛

  (2) خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنى ئاسراش ۋە باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپ، بىخەتەرلىكنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نورمال چارلاش، ئاسراش ۋە باشقۇرۇش؛

  (3) تاسادىپىي ۋەقەدە خەۋەرلىشىشكە كاپالەتلىك قىلىش بويىچە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش قوشۇنى قۇرۇپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئۈسكۈنىسى، ئەشيا زاپىسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، خەۋەرلىشىش جىددىي ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرى تەشكىللەش؛

  (4) تەڭ قۇرۇپ، تەڭ پايدىلىنىدىغان خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنى مەركەزلىك باشقۇرۇش، بىرتۇتاش ئاسراش ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنى ئاسراش بىرلەشمە مۇداپىئە مېخانىزمى ئورنىتىش.

  24 – ماددا تاشيول، تۆمۈريول، شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش، شەھەر – يېزا يولى، شەھەر رېلىسلىق قاتنىشى، كۆۋرۈك، تونېل، سۇ قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلار ئېھتىياجى بىلەن، خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنى ھەقىقەتەن ئۆزگەرتىشكە ياكى يۆتكەشكە توغرا كەلسە، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن خەۋەرلىشىش كەسپىي تىجارەتچىلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، يۆتكەش تولۇقلىمىسى بېرىش كېلىشىمى تۈزۈشى ھەمدە يۆتكەشكە كېتىدىغان خىراجەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

  خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنى يۆتكەشتە، ئاۋۋال قۇرۇپ ئاندىن چۇۋۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش، خەۋەرلىشىشنىڭ راۋانلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

  قۇرۇلۇش قىلىش سەۋەبىدىن خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسى بۇزۇلۇپ كەتسە، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن دۆلەت بەلگىلىگەن زىياننى بېكىتىش ئۆلچىمى ۋە تۆلەم ئۆلچىمى بويىچە تۆلەم بېرىشى كېرەك.

  25 – ماددا بوشلۇقتا ياكى يەر ئاستىدا ماي، گاز، سۇ، توك، پار قاتارلىق تۇرۇبا لىنىيەلىرىنى ئورنىتىش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن، خەۋەرلىشىش تۇرۇبا لىنىيەلىرى بىلەن كېسىشتۈرۈپ، ئۆتۈشتۈرۈپ ۋە پاراللېل قۇرۇلۇش قىلىشقا توغرا كەلسە، دۆلەت بەلگىلىگەن ئارىلىق قالدۇرۇش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك؛ ئۇيغۇن كەلمىگەنلىرىدە، يېڭى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن بۇرۇن قۇرۇلۇش قىلدۇرغان ئورۇن بىلەن مەسلىھەتلىشىپ تەدبىر قوللىنىپ، قۇرۇلۇش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى ھەمدە ئالاقىدار خىراجەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

  26 – ماددا خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان تۆۋەندىكى قىلمىشلار مەنئى قىلىنىدۇ:

  (1) خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش دائىرىسى ئىچىدە تاش، شېغىل ۋە توپا قېزىش، ئېرىق – ئۆستەڭ، قۇدۇق قېزىش، بۇرغىلاپ چارلاش ياكى گەندە كۆلچىكى، ئېغىل – قوتان، پاتقاق گاز كۆلچىكى قاتارلىقلارنى ياساش؛

  (2) خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش دائىرىسى ئىچىدە، ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان نەرسىلەرنى قويۇش، چىرىتكۈچى، ئويغۇچى ماددىلارنى تۆكۈش، قويۇپ بېرىش ياكى پارتلىتىش، ئۆرتەش، ساليوت – پوجاڭزا ئېتىش ۋە نەرسە كۆيدۈرۈش؛

  (3) خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنى ئىگىلىۋېلىش، بۇلاڭ – تالاڭ قىلىش، بۇزۇۋېتىش ياكى ئوغرىلاش؛

  (4) خەۋەرلىشىش لىنىيەسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۈزۈۋېتىش، ئۆزگەرتىش ياكى خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنى چۇۋۇۋېتىش؛

  (5) خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنى قۇرۇشقا، چارلاشقا ياكى ئاسراشقا كاشىلا قىلىش، توسقۇنلۇق قىلىش؛

  (6) خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىدىكى ئاگاھ بەلگىسى، قوغداش ئەسلىھەسى قاتارلىقلارنى ئۆچۈرۈۋېتىش، يۆتكىۋېتىش، چۇۋۇۋېتىش ياكى بۇزۇۋېتىش؛

  (7) خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىگە يامىشىش ياكى خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىگە نەرسە ئېسىپ قويۇش، مال – چارۋا باغلاپ قويۇش؛

  (8) خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان باشقا قىلمىشلار.

  27 – ماددا جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە خەۋەرلىشىش كاپالىتىنى يولغا قويۇش، خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنى جىددىي رېمونت قىلىش قۇرۇلۇشىدىكى خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ تەستىقى ۋە بەلگىلىمە بويىچە، ئاپتوموبىل گەۋدىسىگە سىر پۈركۈش، سىگنال ئۈسكۈنىسى ياكى سىگنال چىرىغى ئورنىتىش، تاشيول ۋە شەھەر يولىدا ماڭغاندا ئاۋۋال يول بېرىش كېرەك.

  28 – ماددا كېرەكسىز، كونا خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىسى ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەسىنى سېتىۋېلىش، توشۇش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تىجارەتچىلەر دۆلەتنىڭ كېرەكسىز كونا مېتال بۇيۇملارنى سېتىۋېلىش، ھاسىلىي بايلىقنى يىغىۋېلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىشى، ساتقۇچى ئورۇن، توشۇغۇچى ئورۇن چىقىرىپ بەرگەن سېتىش، توشۇش ئىسپاتىنى تەكشۈرۈشى ھەمدە ساقلاپ قويۇشى، ئىش بېجىرگۈچى ۋە ساتقۇچىنىڭ سالاھىيىتىنى، شۇ نەرسىنىڭ ئىسمى، سانى، ئۆلچىمى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئەينەن تىزىملاپ قويۇشى كېرەك. ئىسپات ۋە تىزىملاش ماتېرىيالىنىڭ ساقلىنىش مۇددىتى 2 يىلدىن كەم بولمايدۇ.

  قانۇنلۇق كېلىش مەنبە ئىسپاتى بولمىغان كېرەكسىز، كونا خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنى سېتىش، توشۇش ۋە سېتىۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

  4 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

  29 – ماددا خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماقلارنىڭ خادىملىرىدىن بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلانغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىغا ئۇلارغا مەسئۇل تارماق ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى قانۇن بويىچە جازا بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

  30 – ماددا بۇ نىزامنىڭ 11 – ماددىسىنىڭ 2 –، 3 – تارمىقى، 17 – ماددىسى، 18 – ماددىسىنىڭ 2 –، 3 – تارمىقى، 23 – ماددىسىنىڭ (1) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ئاپتونوم رايوننىڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

  31 – ماددا بۇ نىزامنىڭ 26 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا ئاپتونوم رايوننىڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە جەرىمانە قويىدۇ؛ زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلارغا قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

  (1) 1 – تارماقچىسىدىن 5 – تارماقچىسىغىچە بولغان بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان بولسا، شەخسكە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئورۇنغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛

  (2) 6 – ، 7 – تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان بولسا، شەخسكە 2000 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئورۇنغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

  32 – ماددا بۇ نىزامنىڭ 28 – ماددىسىغا خىلاپلىق قىلغانلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ياكى سودا تارمىقى مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

  33 – ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدىغان باشقا قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلەرگە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملار بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

  5 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

  34 – ماددا بۇ نىزام 2017 – يىل 12 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  (تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)