ئاقسۇ شەھىرىدە خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنت ئاھالىسىگە ياردەملىشىپ ئۈندىداردا غاز سېتىشىپ بەردى

日期:2018年11月07日
来源:天山网
【字体:

     ئۆز خەۋىرىمىز (ئىختىيارىي مۇخبىر زېڭ چۇيتاۋ خەۋىرى): «ماڭا ياردەم قىلىپ غازلىرىمنى سېتىشىپ بەرگىنىڭلارغا رەھمەت، بۇ مېنىڭ كۆڭلۈم، قوبۇل قىلىڭلار»، ئاقسۇ شەھىرى بەشتۈگمەن يېزىسى سايغان مەھەللە كەنتىدىكى دېھقان ياسىن مەمەت 10-ئاينىڭ 31-كۈنى ناھايىتى خۇشال ھالدا ئىككى غازنى ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئىشخانىسىغا ئېلىپ كېلىپ رەھمىتىنى بىلدۈردى.

  خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابلاجان ياسىنغا: «بۇ ئىككى غازنى قايتۇرۇپ كېتىڭ، غاز سېتىۋالىدىغانلار بىلەن ئالاقىلىشىپ قويدۇق، پۇلنىمۇ بېرىپ بولدى» دېدى.

  67 ياشلىق ياسىن مەمەتنىڭ ئايالى بالدۇرلا قازا قىلغان بولۇپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان 16 ياشلىق بىر ئوغلى بار ئىدى، ئۈچ مو قوناقلىق ئۇنىڭ بىردىنبىر ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەسى بولۇپ، ياشىنىپ قالغان، مەكتەپتە ئوقۇمىغان ياسىن مەمەتنىڭ بىرەر قابىلىيىتىمۇ يوق، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ سالامەتلىكىمۇ ياخشى بولمىغاچقا، تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغانىدى. نامرات ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى سىجىل، مۇقىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، غاز بېقىشتىن ئىبارەت «تېز ئۈنۈم بېرىدىغان» تۈرلەرنى كىرگۈزۈپ، خادىملارنى نامرات ئاھالىلەرنىڭ غاز بېقىش ئىشلىرىغا باشتىن-ئاخىر ياردەملىشىشكە ئەۋەتتى، يەنە مال دوختۇرلىرىنى نامرات ئاھالىلەرگە ياردەم بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

  خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى لى جېرۇڭ خۇشال ھالدا: «دەسلەپتە ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە نامرات ئاھالىلەرگە ياردەملىشىپ غاز ساتىدىغان ئۇچۇرنى چىقاردىم، ئويلىمىغان يەردىن 500 دىن ئارتۇق غاز بىردەمدىلا سېتىلىپ بولدى» دېدى.