«ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ جىنايى سۇيىقەستىنى ئۈزۈل–كېسىل بىتچىت قىلىمەن

日期:2018年11月03日
来源:新疆日报
【字体:

«ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ جىنايى سۇيىقەستىنى ئۈزۈل–كېسىل بىتچىت قىلىمەن

ئاتۇش شەھەرلىك پارتكوم سىياسىي–قانۇن كومىتېتىنىڭ كادىرى ئابلىمىت ياسىن


    مەن كۆپ يىل پارتىيەنىڭ تەربىيەسىنى ئالغان پارتىيەلىك كادىر. ئۆزۈمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇساپەمنى ئەسلىسەم، ھەر ۋاقىت پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تەشكىلنىڭ تەربىيەسىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىمنى، ھەممىلا جايدا پارتىيەنىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە ۋەتەننىڭ ئىللىقلىقىغا ئېرىشكەنلىكىمنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ھازىر شىنجاڭدا ئومۇمىي ۋەزىيەت مۇقىم، ئىقتىساد مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلماقتا، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلانماقتا، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشماقتا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى ھەسسىلەپ ئاشماقتا.
    ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ئۇلۇغ ۋەتەننى پارچىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشتەك جىنايى قىلمىشلىرىنى ئەزەلدىن توختىتىپ باقمىدى. ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئالاھىدە بولغان پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى چېنىقىش ۋە ئېتىقاد جەھەتتىكى سىناقنى باشتىن كەچۈرمەكتە، پارتىيەگە سادىق بولۇش، ئېتىقادنى مۇستەھكەملەش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇ ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا مۇناسىۋەتلىك، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھازىرقى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى ھېسابلىنىدۇ.  
    پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى بېكىتتى. تارىخ قايتا – قايتا شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پەقەت ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلىغاندىلا، ئاندىن ئەڭ زور چەكتە كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملىگىلى، تۈرلۈك ئىشلارنى ئوڭۇشلۇق راۋاجلاندۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ، ھەر مىللەت ئاممىمۇ خاتىرجەم ياشاپ، بەختلىك تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. ئىجتىمائىي مۇقىملىقتىن ئىبارەت بۇ تۈپ كاپالەتتىن ئايرىلغاندا، باشقا ھەممە ئىش مەنبەسىز سۇغا، يىلتىزسىز دەرەخكە ئايلىنىدۇ.
    باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ‹‹شىنجاڭدا كادىرلارغا قاراشتا، ئالدى بىلەن ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىدىيەۋى تونۇشى ۋە ئەمەلىي ئىپادىسىگە قاراش كېرەك››. بىراق، كادىرلار قوشۇنىمىزدىن سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولمىغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر چىقتى، ئۇلار ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ قولچوماقچىلىرى بولۇپ، كومپارتىيەنىڭ تامىقىنى يەپ، كومپارتىيەنىڭ قازىنىنى چاقماقتا، ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلىپ، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇۋېلىپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلماقتا. ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر زوراۋان-تېررورچىلاردىنمۇ بەك ھىيلىگەر، تېخىمۇ زەھەرخەندە، زىيىنى تېخىمۇ چوڭقۇر، ئېغىر، تېخىمۇ ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان بۇزغۇنچى كۈچ بولۇپ، ھازىرغا تەھدىت سالىدۇ، بالايىئاپىتى ئۇزاققىچە داۋاملىشىدۇ.
    مەن شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىمكى، ئىدېئولوگىيە ساھەسى ئىس-تۈتەكسىز جەڭگاھ، پارتىيەنىڭ ئىدىيەسى، لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى جەزمەن ئىدېئولوگىيە بازىسىنى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن ئىگىلىشى كېرەك. مەن باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باشتىن-ئاخىر باش نىشاننى ئومۇمىي پىروگرامما، يادرولۇق ۋەزىپە، كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، باشتىن-ئاخىر باش نىشاننى قەلبىمگە پۈكۈپ، باش نىشاننى زىممەمگە ئېلىپ، باش نىشاننى چىڭ تۇتۇپ، مەۋقەنى ئۆز ئىش ئورنۇمغا قويۇپ خىزمەتلەرنى پىلانلايمەن، قانات يايدۇرىمەن ۋە ئىلگىرى سۈرىمەن. ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا بېرىپ تەشۋىقات خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى ھەرمىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزىمەن؛ ‹‹قەتئىي ئىرادە بىلەن ھەققانىيەتنى ياقلاش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىش، چېۋەر قول بىلەن نادىر ئەسەر يارىتىش›› روھى بىلەن قەلەمنى قورال قىلغان جەڭچى بولۇپ، ئاۋازىم، قەلىمىم ئارقىلىق ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى دۈشمەنگە جەڭ ئېلان قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، تىرىشىپ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى ئىدىيە يېتەكچىلىرىدىن بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇساپىسىدە قەلبداش، مەقسەتداش، رىتىمداش بولۇپ، بىر مەقسەتتە، تەكشى قەدەمدە تەڭ ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيمەن.
    مەن ھەر ۋاقىت پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، پارتىيە بىلەن قەلبداش، مەقسەتداش بولىمەن. قەتئىي، كەسكىن ھالدا ماركسىزمغا ئېتىقاد قىلىپ، ماركسىزمنى ھەقىقىي چۈشىنىپ، ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئىشىنىپ، ئۇنى ھەقىقىي ئىشلىتىمەن؛ قەتئىي، كەسكىن ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللامنى قوراللاندۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيەدە يادرونى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىپ، ھەرىكەتتە يادروغا يېقىندىن ئەگىشىپ، يادروغا مۇتلەق سادىق بولىمەن. ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرۋاقىت كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىيدا سەزگۈر بولۇپ، بايرىقىمنى روشەن، پوزىتسىيەمنى قەتئىي قىلىپ، باشتىن-ئاخىر مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كەم – كوتسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. ھەر مىللەت ئامما بىلەن قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە قان كېچىپ جەڭ قىلىپ، ئۇلارنىڭ جىنايى سۇيىقەستىنى ئۈزۈل – كېسىل بىتچىت قىلىمەن.
    مەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتچانلىقىمنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قىلچە تەۋرەنمەي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، چوڭ ھەق-چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە باشتىن-ئاخىر تونۇشتا مۈجمەل بولمايمەن، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولمايمەن، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەيمەن، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ ئاڭلىق ھالدا ئەسەبىيلىكنى توسۇشى، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشىغا تەسىر كۆرسىتىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ قەيسەر جەڭچىسى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمەن.