شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايمەن

日期:2018年11月06日
来源:新疆日报
【字体:

شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايمەن

 قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش تەپتىش تۇرغۇن تۇرسۇن

  مەن پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن، ھەر ۋاقىت ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلىپ كېلىۋاتقان پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، تەشكىلنىڭ يېتىشتۈرۈشى بولمىسا مېنىڭ بۈگۈنۈم بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر بىلىمەن.

    بۈگۈنكى كۈندە تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا نەزەر سالساق، ئىجتىمائىي ئومۇملۇق ئىناق، مۇقىم بولماقتا، ئىقتىساد ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلماقتا، ئىجتىمائىي ئىشلار ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلمەكتە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈنسايىن مۇستەھكەملەنمەكتە، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاپ، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. ھالبۇكى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋەتەننى پارچىلاشقا، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى، ئۇلار ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. كادىرلار قوشۇنىمىزغا يوشۇرۇنغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ قولچوماقچىسى ۋە پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول، ئۇلار كومپارتىيەنىڭ تامىقىنى يەپ، كومپارتىيەنىڭ قازىنىنى چاقتى، بىز چوقۇم كۆزىمىزنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىشىمىز كېرەك.

    ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا قەتئىي تاقەت قىلىپ تۇرمايمەن، ئاڭلىق ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيەگە مۇتلەق سادىق ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرىمەن، كادىرلار، ئاممىنى يېتەكلەپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇشتىكى ئۈلگىلەردىن بولۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشىنى قەتئىي قوغدايمەن.

  ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىقتا، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشتا چىڭ تۇرىمەن. پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قەتئىي، كەسكىن ھالدا سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىشنى ھاياتىم دەپ بىلىپ، باش ئورۇنغا قويىمەن، چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرى ئالدىدا تونۇشى سەگەك، مەيدانى مۇستەھكەم، بايرىقى روشەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن – ئاخىر پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، باشلامچىلىق بىلەن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرىمەن. ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلاپ، چىن دىلىم، سەمىمىي قەلبىم بىلەن پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ جىنايى ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ يالغان – ياۋىداق سۆزلىرى ۋە سۇيىقەستىنى ئېچىپ تاشلايمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ بىمەنە سۆزلىرى، سەپسەتىلىرىنى قەتئىي تازىلاپ تۈگىتىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قىلچە پۇرسەت بەرمەيمەن. زوراۋانلىق، تېررورلۇق پەيدا بولىدىغان تۇپراقنى ئۈزۈل – كېسىل تازىلاپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نى خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا غەرق قىلىپ، ئۆز ھەرىكىتىم ئارقىلىق ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايمەن.

  قانۇن قورالىنى قولۇمغا ئېلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىمەن. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى، ئۆتكۈرلۈكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشنى باشتىن – ئاخىر مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايمەن. ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىپ، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، قانۇن بىلەن ئويناشقان، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئاشۇ جىنايەتچى ئۇنسۇرلارغا قاتتىق زەربە بېرىمەن. ئۆزۈمگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، خىزمەت ئىستىلىمنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىمنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، قانۇن قورالىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، باشتىن – ئاخىر پارتىيە يۈكلىگەن مۇقەددەس بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مۇقىملىقنى قوغداش پولات سېپىلىنى مۇستەھكەم قۇرۇپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرىمەن.

  تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇرچنى زىممەمگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەيمەن. ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئامما ياخشى كۆرىدىغان شەكىلدىن تولۇق پايدىلىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىنى ياخشى تەشۋىق قىلىمەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ياخشى تەشۋىق قىلىمەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ياخشى تەشۋىق قىلىمەن، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى ياخشى تەشۋىق قىلىمەن، دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرىنى ياخشى تەشۋىق قىلىمەن، ھەر مىللەت ئاممىنى كۆزىنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىشقا، ئەڭ زور دەرىجىدە كىشىلەر قەلبىنى ئۇتۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشكە، گۈزەل يۇرت – ماكانىمىزنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ توپلاشقا پائال يېتەكلەيمەن.

  ئارتۇقچىلىقىمنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىمەن. مەن ئارتۇقچىلىقىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەتراپىمدىكى كىشىلەرگە پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەشكە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشقا يېتەكلەيمەن. ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە پائال قاتنىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈندىلىك تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن ھەقىقىي تۇغقانلىشىپ، دوستلىشىپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەتلىشى، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇشى، ئۆزئارا زوقلىنىشى، ئۆزئارا ئۆگىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايمەن.