ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز ۋە مەجبۇرىيىتىمىز

日期:2018年11月08日
来源:新疆日报
【字体:

ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز ۋە مەجبۇرىيىتىمىز

 ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئاق مەسچىتنىڭ ئىمامى ئابدۇشۈكۈر رەخمىتۇللا

  يېقىندا، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئەھۋالى ۋە كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەنلىكىگە ئائىت خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن، مەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزى قۇرۇشتىكى مەقسىتىنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلدىم. بۇ قېتىم ئاپتونوم رايون بىزنى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پەيزاۋات ناھىيەسى، قەشقەر شەھىرىدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركەزلىرىگە بېرىپ نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيەدە بولۇشقا تەشكىللىگەندىن كېيىن، ھەقىقىي مەنزىرە مېنى بەكلا ھەيران قالدۇردى. مەن تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەمەلىي ماھارەت بىلىملىرىنى ئۆگىتىشىنى ئەستايىدىل كۆرۈۋاتقان، قانۇن- نىزاملارنى تەپسىلىي خاتىرىلەۋاتقان، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ تىرىشىپ ئىشلەپ 1000 يۈەندىن 2000 يۈەنگىچە ھەق ئېلىۋاتقانلىقىدەك ھەربىر مەنزىرىنى ئۇنتۇيالمىدىم. مەن راستىنلا ئۇنتۇيالمىدىم! ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ مەجبۇرلىشىغا ئۇچرىغان ئۇلار بۈگۈنكى كۈندە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇق قىلىشى، كۆيۈنۈشى بىلەن قايتىدىن دەس تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە جەمئىيەتكە، ئائىلىگە ياراملىق كىشىلەردىن بوپتۇ، مەن بۇنىڭدىن خۇشال بولدۇم ۋە ھاياجانلاندىم.

  دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بۇ كىشىلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، جىنايەت ئۆتكۈزۈشىدىكى مەنبە. دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىر كۈن يوقىتىلمايدىكەن، جەمئىيەت بىر كۈنمۇ تىنچ بولمايدۇ. دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلار ئىسلام دىنى بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، دىنىي ئەقىدىلەرنى خالىغانچە بۇرمىلاپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، «ئىلاھىي ھاكىمىيەت سىياسىيسى سەپسەتىسى»، «دىن ئەلاچىلىقى سەپسەتىسى» قاتارلىق سەپسەتىلەرنى تارقاتتى، ئۇلار ياش- ئۆسمۈرلەرنى زەھەرلەپ، بىگۇناھ ئاممىغا خالىغانچە زىيانكەشلىك قىلىپ، باشقىلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئارىلىشىپ، زامانغا لايىق تۇرمۇشقا تەسىر كۆرسەتتى، ئۇلارنىڭ ماھىيىتى ئىسلام دىنىنى بۇرمىلاپ، ئىسلام دىنىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ، دىندىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەننى پارچىلاش رەزىل غەرىزىگە يېتىش. ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشى قانۇنغا خىلاپ ئېغىر جىنايى قىلمىش، دۆلەت قانۇنى بۇنىڭغا يول قويمايدۇ، شۇنداقلا ئىسلام دىنىدا ئىزچىل تەشەببۇس قىلىنىپ كېلىۋاتقان ۋەتەننى سۆيۈش، تىنچلىققا ئىنتىلىش، ئوتتۇرا يول تۇتۇش، ئىتتىپاق ئۆتۈش قاتارلىق ئىدىيەلەرگە خىلاپ، ئۇلار ھەرگىز مۇسۇلمانلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ئۇلار سېپى ئۆزىدىن بۆلگۈنچىلەر، بىزنىڭ ئورتاق دۈشمىنىمىز.

  نۆۋەتتە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردىمىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرمىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»ىنى ياخشى ئېتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى قۇردى. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىز دىنىي ساھەدىكى زاتلارغا بولغان كۆيۈنۈشى، ئۈمىدى ۋە تاپشۇرۇقىنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇماي، دۆلەتنىڭ قانۇن- نىزاملىرىغا باشلامچىلىق بىلەن ئەمەل قىلىمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغدايمەن، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە باشلامچىلىق بىلەن قارشى تۇرىمەن، پەن- تېخنىكىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىمەن، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىشقا، توغرا ئېتىقاد، توغرا يول تۇتۇشقا يېتەكلەيمەن، قەتئىي تۈردە قانۇن- نىزام يولغا قويغان دائىرىدە دىنىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرىمەن، قەتئىي، كەسكىن ھالدا دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلارغا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئۇلار تارقاتقان ئەسەبىي ئىدىيەگە رەددىيە بېرىپ، ئۇلارنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ دۆلەتنى پارچىلاش ھەقىقىي مەقسىتىنى ئاشكارىلاپ، ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشىنى پاش قىلىپ، ئۆزۈمنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىمنى ياخشى ئادا قىلىمەن. دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلام دىنى ئەقىدىسى، قائىدىلىرىنى دۆلەتنىڭ قانۇن- نىزاملىرىغا ئۇيغۇن، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى روھىغا ئۇيغۇن، دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن قىلىپ شەرھلەيمەن، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى دۆلەت ئېڭى، قانۇن ئېڭى ۋە پۇقرالىق ئېڭىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەيمەن، دۆلەت قانۇنى بىلەن دىنىي قائىدىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، قانۇن قىزىل سىزىقىغا تەگمەي، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئاڭلىق تاقابىل تۇرىمەن ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئالىمەن.

  دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ئۆزگىمۇ، ئۆزگىگىمۇ زىيان سالىدۇ، ئەگەر ئۇنى تەلتۆكۈس يوقاتمىغاندا، مۇقەررەر ھالدا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان زەھەرلىك ئۆسمىگە ئايلىنىدۇ. بىز دىن خادىملىرى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى، بىز ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى چوڭقۇر قىزغىن سۆيىمىز، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ زېمىننى قىزغىن سۆيىمىز. بىز دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلارغا شۇنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرىمىزكى، شىنجاڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، بىزنىڭ ئورتاق گۈزەل يۇرت- ماكانىمىز، سەنلەرنىڭ ئۇنى خالىغانچە بۇلغىشىڭلارغا ھەرگىز يول قويمايمىز.