قەتئىي، كەسكىن ھالدا شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدايمەن

日期:2018年11月12日
来源:新疆日报
【字体:

قەتئىي، كەسكىن ھالدا شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدايمەن

 سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق شەھەر- يېزا پىلانلاش، تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما شېڭخۇي

  شىنجاڭ ــــ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق قان- قېرىنداشتەك ئۆتۈپ، خۇشاللىقتىمۇ، قايغۇدىمۇ بىللە بولۇپ، ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، پارلاق تارىخ ۋە شانلىق مەدەنىيەتنى ئورتاق ياراتتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، شىنجاڭ زېمىنىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلدى ۋە ئۇنى قوللىدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بارغانسېرى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولدى. شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ، شىنجاڭدا ئۆسۈپ يېتىلگەن پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شىنجاڭدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئىنتايىن چوڭقۇر ھېس قىلىپ كەلدىم. مەن شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز بولمىسا، ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشايدىغان بەختلىك تۇرمۇشى بولمايتتى.

  «ئۈچ خىل كۈچ» «مىللەت»، «دىن»نى دەستەك قىلىپ، شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىب قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بىر قاتار زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلدى، بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ھەرمىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان سالدى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى.

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، بۇ بىزنىڭ خاتىرجەم، بەختلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ تۈپ كاپالىتى. نۆۋەتتىكى «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» كەسكىن ۋەزىيەت ۋە «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ خىرىسىغا قارىتا، پارتىيەنىڭ تەربىيەسى ۋە يېتىشتۈرۈشىدە قەدەممۇقەدەم ئۆسۈپ يېتىلگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنداق تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىمەنكى:

  سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمەن. مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمەن، پارتىيەنىڭ قارارىنى قەتئىي ئىجرا قىلىمەن، بايرىقىم روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىمەن، ئومۇملۇققا ئەھمىيەت بېرىمەن، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا، ھەرقانداق جايدا «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزىمەن، باشتىن- ئاخىر پارتىيەگە سادىق بولىمەن، خەلققە سادىق بولىمەن، پارتىيەنى قىزغىن سۆيىمەن، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۆيىمەن، بايرىقىم روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن.

  تەشەببۇسكار، ياراملىق بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولىمەن. ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى ئاكتىپ تەشۋىق قىلىمەن، شىنجاڭنىڭ «تۆت تارىخ»ىنى ياخشى چۈشەندۈرىمەن، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ماھىيىتى ۋە خەۋپىنى ئېنىق سۆزلەيمەن، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا ئارىلىشىپ، گۈزەل يۇرت- ماكانىمىزنى ئورتاق ياخشى قوغداشقا تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن.

  باش نىشاننى چۆرىدەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولىمەن. مۇقىملىقنى قوغداشنى تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن تۇغقانلىشىمەن، دوستلىشىمەن، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئىدىيە ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئىناق، ئىتتىپاق، سىڭىشىپ ئۆتىدىغان قوشنىدارچىلىق، ئائىلە، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى ئورتاق بەرپا قىلىمەن.