مەن دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى، تېخىمۇ مۇھىمى پۇقرا

日期:2018年11月12日
来源:新疆日报
【字体:

مەن دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى، تېخىمۇ مۇھىمى پۇقرا

قۇتۇبى ناھىيەسى قۇتۇبى بازىرى شەنشى مەسچىتىنىڭ ئىمامى ياڭ جيې

    ئالدى بىلەن شۇنداق دەيمەنكى، مەن بىر جۇڭگو پۇقراسى، مەن بۇنىڭدىن پەخىرلىنىمەن! ئاندىن ئەتراپىمدىكىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى:

    دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئالدى بىلەن پۇقرا. دۆلىتىمىز «ئاساسىي قانۇنى»دا مۇنداق بەلگىلەنگەن: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەلىكىدە بولغانلىكى كىشى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسىدۇر». قىلچە گۇمانلىنىشقا بولمايدۇكى، جۇڭگولۇق مۇسۇلمان ئالدى بىلەن پۇقرا، ئاندىن قالسا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى، «كىچىك مەنىدىكى مەن» دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى، «چوڭ مەنىدىكى مەن» پۇقرا، پەقەت دىنغىلا ئېتىقاد قىلغۇچى بولىمەن دەيدىغان پۇقرا ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس. دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى بولۇش- بولماسلىقتا شەخسنىڭ پۈتۈنلەي تاللاش ئەركىنلىكى بار، ھەرگىز مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ. دەل دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى قىسمەن پۇقرالارنىڭ دۆلەت ئېڭى ۋە پۇقرالىق ئېڭى ناچار بولغانلىقتىن، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر «دىنىي قائىدە دۆلەت قانۇنىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ»نى تەرغىب قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ دىنىي قائىدىلىرىنى ئىش- ھەرىكەت مىزانى قىلىشقا قۇترىتىپ، دىنىي قائىدە، دىنىي ئەقىدىلەردىن پايدىلىنىپ دۆلەت قانۇنى بىلەن قارشىلاشتى، بەزىلەر ئىشىنىپ قېلىپ، خاتا ھالدا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار قانۇنسىزلىق قىلسا، جاھاننى بېشىغا كىيسە بولىدۇ، دەپ قاراپ، ئۆزىنىڭ دۆلەتنىڭ بىر پۇقراسى ئىكەنلىكىگە سەل قاراپ، ئۆزىنى يوقىتىپ قويدى، دىنىي قائىدىلەرنى دۆلەت قانۇنىدىن ئۈستۈن كۆردى، ھەتتا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى ئېتىقادىنىڭ مۇستەھكەملىكىنىڭ ئىپادىسى قىلىۋالدى، بەزىلەر قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، ئىنتىزامنى بۇزدى، بەزىلەر ئېقىمغا زىت ئىش تۇتتى، بەزىلەر يامانغا يانتاياق بولدى، بەزىلەر دۆلەتكە، خەلققە بالايىئاپەت كەلتۈردى، ئۇلار مۇسۇلمان ئاممىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئېكولوگىيەنى يامانلاشتۇرۇپ، ئەركىن پۇقرالىق ھوقۇق- مەنپەئىتىدىن ئايرىلىپ قالدى.

    جۇڭگو پۇقراسى جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىشى كېرەك. پۇقرالار قانۇن ئالدىدا بابباراۋەر، ھەرقانداق پۇقرا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن ھوقۇق- مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىللە، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى شەرت. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرا ئۈچۈن ئېيتقاندا، دۆلەت قانۇنى بىلەن دىنىي قائىدىنىڭ مۇناسىۋىتىنى چوقۇم ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇش شەرت. شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇشىمىز كېرەككى، دۆلىتىمىز ھاكىمىيەت بىلەن دىننى ئايرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى يولغا قويىدۇ، دۆلەت قانۇنىدا تۆۋەن چەك پىرىنسىپى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، بارلىق پۇقرالارنى چەكلەپ تۇرىدۇ، چوقۇم ئەمەل قىلىش شەرت؛ دىنىي قائىدە پەقەت دىن ئىچىدىكى بەلگىلىمە، قانۇن خاراكتېرىگە ئىگە ئەمەس، مەجبۇرلاش خاراكتېرىگىمۇ ئىگە ئەمەس. پۇقرا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارغا رىئايە قىلىش ئاساسىي مەجبۇرىيىتىمىز، قايسى مىللەت بولۇشتىن قەتئىينەزەر، دىنغا ئېتىقاد قىلىش- قىلماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، قانۇندىن مۇستەسنا جاي، قانۇندىن مۇستەسنا ئادەم، قانۇندىن مۇستەسنا دىننىڭ بولۇشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ قانۇننى ھۆرمەت قىلىشى مۇقەررەر، دۆلەت قانۇنى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، دېگەن ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ، ئەيمىنىىش قەلبىنى ساقلاش، قانۇن قىزىل سىزىقىدىن ھالقىپ كەتمەسلىك، تۆۋەن چەككە چېقىلماسلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشى كېرەك؛ قانۇننى ئۆگىنىش شەرت، قانۇن تەربىيەسىنى پائال قوبۇل قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا قانۇنغا رىئايە قىلىش، ئىشقا يولۇققاندا قانۇننى ئىزدەش، مەسىلىنى ھەل قىلغاندا قانۇنغا تايىنىشتەك ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

    جۇڭگو پۇقراسى چوقۇم دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىشى، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئىشلىتىشى كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ ئورتاق- تىل يېزىقى دۇنيا ئېتىراپ قىلغان بەش چوڭ تىلنىڭ بىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىزمەت تىلى، ئىشلىتىدىغان ئادەم سانى ئىنگلىز تىلىنى ئىشلىتىدىغانلاردىن كۆپ، دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ھازىر ۋەتىنىمىز قۇدرەت تېپىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «خەنزۇ تىلى قىزغىنلىقى» كۆتۈرۈلدى. سۇ بويىدىكى راۋاققا ئاي شولىسى بالدۇر چۈشىدۇ، مەن ھەر ۋاقىت ئۆزۈمنىڭ جۇڭگولۇق بولۇپ تۇغۇلغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن. دەل دۆلەت ئورتاق- تىل يېزىقىنى ئىگىلىگەنلىكىم ئۈچۈن، ھەر جەھەتتىكى بىلىم ۋە ئۇچۇرغا بىمالال ئېرىشىش ئىقتىدارىم كۈچەيدى، مېنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆزلەشتۈرىدىغان، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆزلەشتۈرىدىغان، ۋەتەننى سۆيىدىغان، كومپارتىيەنى سۆيىدىغان، سوتسىيالىزمنى سۆيىدىغان، سىياسىيدا ئىشەنچلىك قىلدى؛ مېنى ئىسلام دىنىنىڭ دىنىي ئەقىدە، دىنىي قائىدىلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرىدىغان، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرىدىغان، دىنىي جەھەتتە بىلىملىك قىلدى؛ مېنى جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت جەۋھىرىنى تېخىمۇ ياخشى قوبۇل قىلىدىغان، ساپايىمنى ئۆستۈرىدىغان، پەزىلەت، ئەخلاق جەھەتتە ئاممىنى قايىل قىلالايدىغان قىلدى؛ مېنى ھەر ۋاقىت كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، ئەقلىي تەپەككۇر قىلىدىغان، قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەردىن چەك- چېگرانى ئېنىق ئايرىيدىغان، ھالقىلىق پەيتتە رول ئوينىيالايدىغان قىلدى.

    مىڭ قېتىملاپ، تۈمەن قېتىملاپ ئېيتساق، پۇقرالىق خۇسۇسىيەت بىز بارلىق جۇڭگو پۇقرالىرىدا ئەزەلدىن بار خۇسۇسىيەت، دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى پۇقرامۇ پۇقرالارنىڭ بىر قىسمى، چوقۇم پۇقرالىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى شەرت. بىز پۇقرالىق ئېڭىنى باشتىن- ئاخىر مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پۇقرالارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، پۇقرالىق مەجبۇرىيىتىنى ئاڭلىق ئادا قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا جەمئىيەتكە ماسلىشىشىمىز، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشىمىز، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشىمىز كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. كەمتۈكلۈكلەرنى چىڭ تۇتۇپ تولۇقلاپ، باشلامچىلىق بىلەن دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىشىمىز، قانۇن ئۆگىنىشىمىز، ماھارەت ئۆگىنىشىمىز كېرەك؛ باشلامچىلىق بىلەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشىمىز، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشىمىز، دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك؛ باشلامچىلىق بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك.